ئىستانبۇلدىكى تاكسىم مەيدانىدا پارتلاش يۈز بەردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئىستانبۇلدىكى تاكسىم مەيدانىدا، ئەتىگەن سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرلىق چوڭ پارتلاش يۈز بەردى. ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئەتراپتا زور پاتىپاراقچىلىق - ئەنسىزلىك پەيدا بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.31
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىستانبۇلنىڭ ساقچى باشلىقى ھۈسەين جاپكىننىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەقە، ئۆزىنى پارتلاتقۇچى كىشى ساقچى ئاپتوموبىلىغا يېقىنلىشىش ئالدىدا يۈز بەرگەن. بۇ پارتلاشتا 32 ئادەم يارىلانغان، ئۇنىڭ 15ى ساقچى. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ، تاكسىم مەيدانىدا 1999‏ - يىلىدن 2001‏ - يىلىغىچە ئىككى قېتىم مۇشۇنداق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قۇرۇلۇش رايونلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈۋاتقان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ ئەردوۋان بۇ ۋەقە ھەققىدە توختۇلۇپ 'بۇ، تۈركىيىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇماقچى بولۇۋاتقانلار قىلغان ھۇجۇم' دېدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيىدە يىللاردىن بۇيان كۇردىستان كوممۇنىست پارتىيىسى (PKK) ۋە ئەلقائىدىچىلەرنىڭ ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ كەلمەكتە. ئەمما ھازىرغا قەدەر بېرەر تەشكىلات ياكى شەخس تېخىچە بۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن تاكسىم مەيدانىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى، پارتلىتىشقا پىلانلانغان يەنە باشقا بومبىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.