كۈنمىڭدىكى سالۋادور قاۋاقخانىسىنى پارتلاتقۇچىنىڭ ئاپتوبۇس پارتلاتقۇچى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى

خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى بۇ يىل 21 - ئىيۇل كۈنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنى 24 - دېكابىر مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگۈچى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

24 - دېكابىر ئەتىگەن سائەت 10لار ئەتراپىدا خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىگە جايلاشقان سالۋادور قاۋاقخانىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، پارتلاتقۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قاۋاقخانىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كىيىن يارىلانغۇچى يۈننەن ئۆلكىلىك ئىككىنچى دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا ئۆلۈپ كەتكەن ھەمدە جان ئۈزۈش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 21 - ئىيۇل كۈنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ ئىجراچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

جۇڭگو گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى لى يەن بولۇپ، ساقچىلار مۇناسىۋەتلىك دەلىل - ئىسپانلار ۋە DNA ئانالىزىغا ئاساسەن لى يەننىڭ بۇ يىل 21 - ئىيۇلدىكى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۇماندار ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

بۇ يىل 21 - ئىيۇل، يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىدە ئىككى يەردە ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا 2 ئادەم ئۆلگەن 14 ئادەم يارىلانغان ئىدى.