لىۋىيىنىڭ تولۇق ئازاد بولغانلىقى ئېلان قىلىندى

يەكشەنبە كۈنى 42 يىل لىۋىيىنى ئىدارە قىلغان مۇئەممەر كازافىي ئۆلۈپ توت كۈندىن كېيىن، كازافىي كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان ،لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى پۈتۈن لىۋىيىنىڭ مۇستەبىت كازافىي ھۆكۈمرانلىقىدىن تولۇق ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.10.23

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ  خەۋەر قىلىشىچە،  لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېنغازى قاتارلىق جايلاردا داغدۇغىلىق تەنتەنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى شۇنىڭدەك كېيىنكى 8 ئاي ئىچىدە دېموكراتىك، ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىپ، لىۋىيىنىڭ رەسمىي ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىراق، كازافىينىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت  مەسىلىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ب د ت ۋە  بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر كازافىينىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق تەپسىلات بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. شەنبە كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىدىن كازافىينىڭ ئۆلۈم سىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.