ئۇيغۇر مەسچىتلىرىگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى قادالغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ

ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە بۈگۈن، ئۇيغۇر مەسچىتلىرىگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى قادالغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىن تارتىلغان فوتو رەسىملىرى ئېلان قىلىندى شۇنداقلا بۇ كۆرۈنۈشلەر توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغالدى. بۇ مۇنازىرىگە تۇڭگانلارنىڭ تور بەتلىرىمۇ ئارىلاشتى.

بۈگۈن ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە، مەسچىتلەرگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى قادالغان ۋەقە ئۈستىدە قوزغالغان مۇنازىرىلەرنىڭ ھەممىسى خىتايچە يېزىلغان.

ئوبزور يازغانلارنىڭ بىرى، ئەسلىدە بۇ بايراق بىلەن مەسچىتنىڭ مەزمۇنى پەقەت بىر-بىرىگە توغرا كەلمەيتتى، مانا ئەمدى بۇ تازا ماسلاشمىغان جەمئىيەت بوپتۇ، دەپ يازغان بولسا، يەنە بىرى، ئەمدى دۆلەت كادىرلىرى، كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى بۇ بايرىقىنى كۆرۈپ مەسچىتكە كىرگىلى تۇرسا، ھۆكۈمەت قانداق قىلىسىلەر؟ دەپ سوئال قويغان.