مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتايدا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى
2013.02.14
«مەتبۇئاتلارغا قارىتىلغان ھۇجۇم» ناملىق بۇ دوكلاتتا، ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەلجىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ ۋىزاسىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلىپ، ئۇنى خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى؛ ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچېڭ بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىدىكى مەزگىلىدە ئۇنى زىيارەت قىلغان ئون نەچچە چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچراپ، ئىككىيلەننىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسى تارتىۋېلىنغانلىقى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خىتايچە تور بېكىتىنىڭ بۇيرۇق بىلەن تاقىۋېتىلگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر مىسالغا ئېلىنىپ، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بارغانچە يامانلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتاي خەلقئارادا پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ھەم مەتبۇئات ئەركىنلىكى بوغۇلغان دۆلەت دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.