ئوباما شەرقىي ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېما توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شەرقىي ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېما پىلانىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارىتا مەيدانغا كەلگەن ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.09.21

ئوباما ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە، پولشا ۋە چېخ قاتارلىق دۆلەت رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش پىلانلانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇلۇشنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، بەزى تەنقىدچىلەر بۇنى رۇسىيە دائىرىلىرىنى خوش قىلىشى ياكى ئىران يادرو مەسىلىدە رۇسىيىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، دەپ سۈرەتلىگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئۇ يەكشەنبە كۈنى CBS تېلېۋىزىيىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر پىلان رۇسىيە دائىرىلىرىنى خوش قىلىش مەقسىتىدە ياكى رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بىكار قىلىنغان، دېگەن پىكىرلەرنى رەت قىلدى.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: " بۇ يەردىكى خىزمىتىم رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن كېڭىشىش ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق بولۇشىنى رۇسىيە بەلگىلىيەلمەيدۇ" دېدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېما قۇرۇلۇشنى بىكار قىلىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن، "ئامېرىكا ياۋروپادىكى مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىغا ئاسىيلىق قىلدى" دېگەن پىكىرلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس، نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، مەزكۇر پىلانىنىڭ ئىراننىڭ يادۇر مەسىلىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىنى خوش قىلىش ئۈچۈن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.