خىتاي ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئارخىپىنى ئاشكارىلىماسلىق تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى
2013.01.04
خىتايدىكى ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە كېيىنكى ئىستىقبالى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مەركىزى سانفرانسىسكودىكى «دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» خىتايدىكى ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر مەسىلىسى توغرىلىق 2008-يىلدىن 2012-يىلغىچە خىتاي يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر سوتى بىلەن 3 قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ ئىككى قېتىملىقىدا خىتاي سوتچىلىرى ئامېرىكىدا زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشكە كەلگەن. بىر قېتىملىقىدا ئامېرىكا سوتچىلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئىدى.
«دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، پەقەت 2010-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۆسمۈر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 60% گە جازا كېسىلگەن. خىتايدىكى ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر نىسبىتى ئامېرىكا ھەم ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كۆپ يۇقىرى بولغان. ھالبۇكى، خىتايدا ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئارخىپى مەخپىي تۇتۇلمىغىنى ئۈچۈن، ئۇلار تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مەكتەپكە كىرىش، خىزمەت تېپىش قاتارلىق جەھەتلەردە جەمئىيەتتە كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن.