خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىپ بىر تىبەتنى سوتلىدى، 70 نامايىشچىنى تۇتتى

خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى بىر تىبەتنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، 13 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان. دائىرىلەر ئوخشاشلا چىڭخەيدە شۇ كۈنى يەنە نامايىش قىلىپ دىنىي ئەركىنلىك ۋە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان 70 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.08

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى باستۇرۇش خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىنى يۇمشاتمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇتقۇن قىلىنغان تىبەتلەردىن 12 كىشى رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقى قولغا ئېلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.

چىڭخەينىڭ خۇاڭنەن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان فاگپا ئىسىملىك 27 ياشلاردىكى تىبەتلىكنى «قاتىللىق ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان كىشىلەرنى قاتىللىق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.