پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار، ئۆزىگە بومبا تېڭىۋېلىپ، پارتلىتىشنى مەقسەت قىلغان 2 نەپەر قاتىل ئىكەن. ۋەقە ئىسلام ئاباتتىكى خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتتا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا ئاز دېگەندە 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى يارىدار بولغان.
ۋەقە يۈز بېرىپ ھازىرغىچە بىرەر تەشكىلات بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن. پاكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، پاكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى باياناتى بېرىلگەن.
پاكىستاندىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر،تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۇچۇن بۇ ھەپتە ئومۇميۈزلۈك دەرس توختاتقان ئىدى. بۈگۈن پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى تالىبان كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇمى 4 - كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تۈنۈگۈن كېچىدىكى جەڭدە، 20 نەپەر تالىبان ئەسكەرلىرىنى يوقاتقانلىقىنى، شەنبە كۈنى باشلانغان ئومۇمى ھۇجۇمدىن بۇيان، 100 دىن ئارتۇق تالىبان جەڭچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.