ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات ساۋدابايېف بۈگۈن ۋىيانادا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە قازاقىستاننىڭ قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەمما ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بولسا، قازاقىستاننىڭ ئىنسان ھەقلىرى نومۇرىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قازاقىستاننى بۇ جەھەتتە تەنقىد قىلماقتا. بەزى دۆلەتلەر ھەتتا قازاقىستانغا ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەۋجۇت بولغان بىر دۆلەتنىڭ بۇ تەشكىلاتقا رەئىس بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكىلەر بولسا، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاقىستاننىڭ، رەئىسلىك مەزگىلىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى ياخشىلىشىغا بىر پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.