خالىۋۇد فلىمچىسى مارك فوستېر قەشقەر كوناشەھىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھېسياتىنى ئىپادىلىدى

خالىۋۇد فلىمچىسى مارك فوستېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر كونىشەھىرىنى خاراپ قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھېسياتىنى ئىپادىلىدى. مارك فوستېر 'لەگلەك' فىلىمىنى ئىشلىگەندە قەشقەردە تۇرغان، قەشقەر كوناشەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىي گۈزەللىكنىڭ مەزمۇنلىرىنى چۈشەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.06.23

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان روھ، مەدەنىيەت ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان، ‏- دەپ يازىدۇ مارك فوستېر ئەپەندى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىگە يازغان خېتىدە - مىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭدىكى خاس گۈزەللىكلەر بىلەن قىزغىن قارشى ئالغان بۇ شەھەرنىڭ ھازىر چېقىلىپ، ۋەيران قىلىنىپ كۆزدىن غايىپ بولۇشقا باشلىغانلىقىدىن مىنىڭ قەلبىم قاتتىق ئازاپلاندى!

خالىۋۇت فىلىمچىسى مارك فوستېر قەشقەر كۇناشەھىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىلىۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازى بولغان. ئۇ خېتىدە يەنە 'مەن ھەممە كىشىنى بۇ قەدىمى شەھەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىمەن' دەپ مۇراجىئەت قىلدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.