قەشقەردىكى بىر پاراشوك زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 4 ئادەم ئۆلگەن
2011.07.06
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە پارتلاشنىڭ زاۋۇت پار قازىنىدا يۈز بەرگەنلىكى، زاۋۇت بىناسى ۋە ئەتراپتىكى ئىككى ئائىلىلىكلەر ئۆيىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلاردىن 4 كىشى ئۆلگەن.
زاۋۇت يېنىدا ئولتۇرىدىغان ئىككى ئائىلىكتىن 5 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ئۇلاردىن بىرسى ئېغىر يارىلانغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەن شۇ دائىرىدە 13 ئادەم بار ئىكەن.
يارىدارلار قەشقەر ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. دائىرىلەر دەسلەپكى قەدەملەردە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن ۋەقەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يۈز بەرگەن بىر قازا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغان بىر كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن دائىرىلەر ۋەقەدە ئۆلگەن، يارىلانغانلار ۋە شۇنداقلا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتايلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
چارشەنبە كۈنى سائەت 6 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە پارتلاش يۈز بەرگەن پاراشوك زاۋۇتى قەشقەر ئىپارخان سودا چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق كارخانا ئىدى. پارتلاشقا نېمە سەۋەب بولغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان. دائىرىلەر ۋەقەنىڭ سەۋەبى داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، قەشقەردە زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش قازالىرىنىڭ جىددىي ئارتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.