ئېنىق مەلۇماتقا قارىغاندا، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى پارتكومى بۇ يىل مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ 15 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى سىناق مەزگىلىدە لاياقەتسىز باھالاندى دېگەن باھانە بىلەن ئىشتىن بوشاتقان بولۇپ، ئىشتىن بوشىتىلغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئاينۇر مەمتىمىن، بۇئايشەم ئابدۇللا، ھەمراگۈل ھېمىت قاتارلىق ئۈچ ئوقۇتقۇچى ئىشتىن بوشىتىلغاندا ئېغىر ئاياق بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ مەزكۈر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئىكەن.
ئىشتىن بوشىتىلغان ئوقۇتقۇچىلار قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا ئۈچ يىللىق ئەمگەك توختامى بىلەن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىدىن يۇقىرى مەلۇماتلارغا ئىگە ئىكەن. ئەكسىچە، بۇ مەكتەپكە ئېلىنغان ئالىي تېخنىكوم، ئۆزلىكىدىن ئوقۇش ۋە باكلاۋېرلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىناق مۇددىتى ئۇزارتىلغان.
خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىدا سىناق مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئېغىر ئاياغ مەزگىلىدە، بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلىدە ئىشتىن بوشىتىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ قانۇننىمۇ كۆزگە ئىلماي ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتىن قوغلىغانلىقىدەك قىلمىشى ئوقۇتقۇچىلاردا نارازىلىق پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىشتىن بوشىتىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىماي، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇت پارتكومىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىغا يول قويغان ئىكەن.