قىرغىزىستان دائىرىلىرى ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ ئۆكتەبىردىكى سايلامدىن كېيىن كېلىشىنى مۇۋاپىق كۆرمەكتە

قىرغىزىستان دائىرىلىرى بۈگۈن ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئائىت بىخەتەرلىك ساقلاش كۈچلىرىنىڭ ئۆكتەبىردىكى سايلامدىن كېيىن كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسلىدە ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئائىت 52 نەپەر قورالسىز ساقچىنىڭ قىرغىزىستاندىكى بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن 8 - ئايدا قىرغىزىستانغا كېلىشى پىلان قىلىنغان ئىدى.

ئەمما، قىرغىزىستاننىڭ ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئەلچىسى ليدىيا ئىمانئالىيىۋا بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، "بۇزغۇنچى كۈچلەر بىخەتەرلىكنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا كېلىش پىلانىنى باھانە قىلىپ، قايتىدىن قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىخەتەرلىكنى ساقلاش كۈچلىرى قىرغىزىستاندا 10 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن كەلسە تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز" دېدى.

رويتېرسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەلچى ليدىيانىڭ بۇ سۆزى ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئائىت ساقچى قىسىمنىڭ قىرغىزىستانغا كىرىشىنىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.

قىرغىزىستاندا بۇ يىل 6 - ئايدا قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى. ۋەقەدە ئاساسلىقى ئۆزبېكلەردىن بولۇپ، 400 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن. 400 مىڭ كىشى ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولغان ئىدى.

گەرچە ۋەقەدىن كېيىن رايوندىكى ئۆزبېكلەر خەلقئارا قىسىملاردىن ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىز ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يول قويماي كەلگەن. ئۆتكەن ئايدا قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئائىت ساقچى قىسىمىنىڭ قىرغىزىستانغا كېلىشىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

يېقىندا خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى ۋەقە ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ھازىرقى قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى ۋە خەلقئارا خەۋپسىزلىكنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ رايونغا كېلىپ ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىشىغا قەتئىي يول قويماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئەگەر ۋاقتىدا تەدبىر ئالمىغان تەقدىردە، بۇ ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر، تاتار، تۇڭگان قاتارلىق باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغىمۇ تارىلىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.