بىر ساقچى ئوفىتسېرى مەست ماشىنا ھەيدەپ 5 ئادەمنى ئۆلتۈردى

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ رۇنەن ناھىيىسىدە 29-ئۆكتەبىر كۈنى بىر ساقچى باشلىقى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ 5 ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئادەمنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ جايدا ھېچقانداق نارازىلىق نامايىشى بولغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئۈچ دانە ساقچى ماشىنىسى ۋە ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ، نارازىلىق نامايىشى قىلغانلارنىڭ سانى بىر قانچە مىڭغا يەتكەن بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە بىر قىسىم نامايىشچىلار ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

ۋەقە تۇغدۇرغان ساقچى ئوفىتسېرىنىڭ ئىسمى ۋاڭ يىڭپېڭ بولۇپ، ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ نارازىلىقى بېسىلمىغان.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنىمۇ جېجاڭ ئۆلكىسىدە ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى.