ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى جىنايەت گۇماندارلىرى بايقاشنى تورداشلارغا مۇراجىئەت قىلغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، سايباغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تور بېتىگە جىنايەت نەق مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى چاپلاپ خىتايدىكى بارلىق تورداشلاردىن گۇماندارىغا ئائىت ئۇچۇر تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تورغا چاپلىغان سۈرەت ھەققىدە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەرگە 500 يۈەندىن 5 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە، سۈرەتنىڭ قاچان تارتىلغان ۋە قايسى خىل جىنايەت نەق مەيدان سۈرىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتەلمىگەن.

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 2009- يىلدىكى “ 5- ئىيۇل ۋەقەسى” دىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى ھۆكۈمەت ئاخبارات تورىدا ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەت گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.