خىتاي ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرماقچى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ يەنسېڭ بۈگۈن مۇخبىرلار يىغىنىدا، خىتاي تەرەپ ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ، دېگەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە يەنە، ئوساما بىن لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلەن خىتاينىڭ تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى توختاپ قالمايدۇ، ھازىر تېررورچىلارنىڭ ھەرىكىتى يەنىلا مەۋجۇت، بەلكى ھازىرقى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى ۋە قېيىنلاشتى، دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيۇشتۇرىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ نىشانى ئۆزگەرمەيدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئۇلارنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېگەن.