ئۇيغۇر رايونىدا «پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تىلى» بولغان شىنجاڭ گېزىتى يەنىلا زورلاپ سېتىلماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسى يېقىندا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى ئىدارە-ئورگان، زاۋۇت-كارخانا ۋو سودا شىركەتلىرىنى، ئادەتتە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تىلى دەپ تەرىپلەۋاتقان شىنجاڭ گېزىتىگە مۇشتەرى بولۇشقا چاقىرغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھۆججەتتە ھەر بىر ئىدارە ئاز دېگەندە شىنجاڭ گېزىتىدىن بىر سانغا مۇشتەرى بولۇشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇشتەرىلىققا بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىشى ۋە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ئىشىغا، ئىدارىنىڭ بىرىنچى باشلىقى مەسئۇل بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ئادەتتە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تىلى دەپ تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان 60 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر گېزىتكە تېخىچە مەجبۇرىي مۇشتەرى قوبۇل قىلىش، ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ زورلاپ سېتىلىشى، رايوندىكى خەلق ئىچىدە خىتاي ئاخبارات ئۇچۇرلىرىغا بولغان ئىشەنچسىزلىك ۋە خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىن بىزارلىقنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ھۆججەتتە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ئىشىنى ياخشى ئىشلەش-ئىشلىمەسلىك، مەسئۇل رەھبەرنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ نامايەندىسى دەپ كۆرسىتىلگەن.

تولۇق بەت