فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ئەگەر سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بېرىلمىسە، تېررورلۇققا يول ئېچىلىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن پارىژدا ئېچىلغان سۈرىيە دوستلىرى يىغىنىدا، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۇرەنت فابىۇس سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.28

ئۇ سۆزىدە «ئەگەر بۈگۈن سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بېرىلمىسە، رايوندا قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ، نەتىجىدە تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا يول ئېچىلىدۇ» دېگەن. ئۇ، بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە ئۆزىنى قوغدىغۇدەك ۋە سىياسىي غايىسىگە يەتكۈدەك دەرىجىدە ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەمنىڭ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

زۇلۇم بىلەن تېررورلۇق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت خەلقئارا دىپلوماتىيىدە تالاش-تارتىشتىكى بىر تېما بولۇپ، بەزى دۆلەتلەر سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن، تېررورلۇقنىڭ ئەپۇ قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بەزى دۆلەتلەر سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ تېررورلۇققا مەجبۇرلانماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۈگۈنكى سۆزىدە، سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بەشار ئەساد ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇققا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئىشارەت قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.