كۈنەس ناھىيىسىدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە تاغ ئاستىدا قالغان 28 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن

كۈنەس يەرلىك دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، مەزكۇر ناھىيىدە يۈز بەرگەن 31‏-ئىيۇل تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە تاغ ئاستىدا قالغان 28 كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-08-03
Share

ۋەقە مەزكۇر ناھىيىنىڭ ئارالتۆپە بازىرىدىكى بىر تۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن ئىدى. دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تاغ ئاستىدا قالغان 28 كىشىدىن 21 كىشىنىڭ جەسىتى قېزىپ چىقىرىلغان. قالغان 7 كىشى تېخى تېپىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن.

دائىرىلەر يەنە، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان.
ئىسىملىكتىن قارىغاندا ئۆلگەنلەرنىڭ 6 نەپىرى يەرلىك قازاق چارۋىچى بولۇپ، قالغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يۈننەندىن كەلگەن كۆچمەن خىتاي ئىشلەمچىلەر.

كۈنەس ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى جا يىشېڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئېلىپ بارغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، تاغنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىنى يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يامغۇرغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان تۇپراق قاتلىمى ئاجىز بۇنداق خەتەرلىك جايدا نېمىشقا كان ئېچىشقا يول قويۇلغانلىقى ۋە ۋەقەدىن بۇرۇن نېمىشقا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىنمىغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاغ ئاستىدا قېلىپ ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان كىشىلەرنى ئىزدەش خىزمىتى 2‏-ئىيۇل كەچ سائەت 5:00 كېيىن باشلاپ توختىتىلغان. خەۋەرلەردە، ئىزدەش خىزمىتىنىڭ بوران ۋە قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك توختىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت