ۋەقە مەزكۇر ناھىيىنىڭ ئارالتۆپە بازىرىدىكى بىر تۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن ئىدى. دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تاغ ئاستىدا قالغان 28 كىشىدىن 21 كىشىنىڭ جەسىتى قېزىپ چىقىرىلغان. قالغان 7 كىشى تېخى تېپىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن.
دائىرىلەر يەنە، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان.
ئىسىملىكتىن قارىغاندا ئۆلگەنلەرنىڭ 6 نەپىرى يەرلىك قازاق چارۋىچى بولۇپ، قالغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يۈننەندىن كەلگەن كۆچمەن خىتاي ئىشلەمچىلەر.
كۈنەس ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى جا يىشېڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئېلىپ بارغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، تاغنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىنى يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يامغۇرغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان تۇپراق قاتلىمى ئاجىز بۇنداق خەتەرلىك جايدا نېمىشقا كان ئېچىشقا يول قويۇلغانلىقى ۋە ۋەقەدىن بۇرۇن نېمىشقا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىنمىغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.
يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاغ ئاستىدا قېلىپ ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان كىشىلەرنى ئىزدەش خىزمىتى 2-ئىيۇل كەچ سائەت 5:00 كېيىن باشلاپ توختىتىلغان. خەۋەرلەردە، ئىزدەش خىزمىتىنىڭ بوران ۋە قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك توختىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.