تاجىكىستان 1158 كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.10.02
2011.10.02
يېقىندا تاجىكىستان بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا بۇ زېمىنلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە چېگرىنى قايتىدىن بېكىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاي 1158 كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى رەسمىي تۈردە ئۆتكۈزۈۋالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ تېخى تاجىكىستان خىتايغا بېرىدىغان زېمىنلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى ئىكەن.
تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ كېلىشىم ئۇزۇن مەزگىللىك چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى بولۇپ، خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئالالمىغان بۇ جايلارنى ئاجىز مۇستەقىل تاجىكىستاندىن ئالغان. بۇ مەسىلە تاجىكىستاندىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ۋە ئامما ئارىسىدا نارازىلىق ھەم مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان.