ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە 5.7 بال يەر تەۋرىدى

5 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە 5.7 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاخباراتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە مال - مۈلۈك ياكى ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن.

ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 5 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىلىنىدىغان رايونى نۇرا كەنتىدىمۇ 6.6 بال يەر تەۋرىگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، قىرغىزىستان ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرى تۇراتبېك جۇنۇچئالىيەف قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 72 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، 960 نوپۇسقا ئىگە نۇرا يېزىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كەتكەن، 128 ئۆي ئۆرۈلگەن ھەمدە 60 ئادەم ئېغىر يارىدار بولغان بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئوش شەھىرىگە تىكئۇچار بىلەن يۆتكەلگەن.

شۇ كۈنى يەنە، تىبەت ئەتراپىدىمۇ قاتتىق يەر تەۋرەپ ئاز دېگەندە 30 كىشى ئۆلگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى قەشقەر شەھىرىمۇ ئازراق بىلىنگەن.