ۋاشىنگتوندا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى نامايىش ئۇيۇشتۇردى. نامايىش خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.07.02

نامايىشتا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ئۇ سۆزىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، شېھىت ۋە مەھبۇسلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

نامايىشچىلار نامايىش داۋامىدا «تېررورسىت خىتاي»، «شەرقى تۈركىستانغا ئازادلىق!» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلاپ ئەتراپنى لەرزىگە كەلتۈردى. نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 4كە قەدەر داۋاملاشتى. نامايىشنى رادىئومىز، تور تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق 2 سائەت بويىچە نەق مەيداندىن خەۋەر قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان؛ بۇ چاقىرىققا ئاساسەن يەنە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە لوندون، ستوكھۇلىم، پارىژ، توكيو، ئوسلۇ، مىلبورىن، تورۇنتو، ئىستانبۇل قاتارلىق 18 شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.