خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەشكە ئورۇنماقتا

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، رامىزان باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە ئۇرۇنماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.08.26

ئالدى بىلەن ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە پېنسىيىگە چىققان ئۇيغۇر كادىرلارغا، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە روزا تۇتماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپلا قالماي، بەلكى بارلىق ھاراق دوكانلىرىغىمۇ تىجارەتنى توختاتماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كادىرلارنى روزا تۇتقۇزماسلىق ئۈچۈن ھەتتا 'چۈشلۈك تاماق ياردەم پۇلى' تارقاتقان ياكى ئىش ۋاقتىدا تاماق يېگۈزۈش چارىلىرىنى قوللانغان. شۇنداقلا يەنە، ئۇيغۇر كادىرلارنى 'روزا تۇتۇشقا زەربە بېرىش كېلىشىمى' گە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.