كەلپىندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئاقچىدا ساقىندى تەۋرەش يۈز بەردى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن كەچ سائەت 6 دە كەلپىن ناھىيىسىدە 5.2 دەرىجىلىك يەر تەۋرىگەن، 80 دىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ يەر تەۋرەش مەركىزىدىن 40 كىلومېتىر يېراقلىقىتىكى ئاقچى ناھىيىسىدە، بۈگۈنگە قەدەر 117 قېتىم ساقىندى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. بۇ جەرياندا ئاقچىدا 14 مىڭ ئادەم ئاپەتكە يۈزلەنگەن، 470 تىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلگەن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىيان 60 مىليۇن يۇەنگە يەتكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىچە بۇ ئىككى جايدا يۈز بەرگەن ئاپەتتە خەلقنىڭ ھاياتىغا خەيم - خەتەر يەتكەن ياكى يەتمىگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

بۈگۈن بوشۇن تورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇنلۇق خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى، كەلپىندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە يۈزلەندى، 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۆلدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىيان يۈز مىليون يۇەنگە يەتتى، دەپ مەلۇم قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا بۇ ناھىيىدە يۈز بەرگەن ئاپەتتە ئادەملەرنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.