دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چوشقا زۇكىمى ھەققىدە يېڭى مەلۇمات ئېلان قىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 787 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەزكۇر كېسەل بىلەن ئاغرىغانلار ھەققىدىكى بۇ ساننىڭ 17 دۆلەتتىن تېپىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە مەزكۇر كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلىغاندىن سىرت يەنە ئاۋىسترىيە، كانادا، خوڭكوڭ، شىۋىتسارىيىدە ئەنگىلىيە ۋە باشقا ئاسىيا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى مەزكۇر كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلغان. ئەمما، بۇ دۆلەتلەردە ئۆلۈم كۆرۈلمىگەن ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بويىچە مېكسىكىدا يەنە 506 ئادەم، ئامېرىكىدا 160 ئادەمنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي خەۋپ ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

خوڭ كوڭ دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى 10 نەچچە ئادەمنىڭ مەزكۇر كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئېلان قىلدى.