خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى دىپلوماتىيىسىگە رىقابەت ئېلان قىلغان

خىتايدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە رىقابەت ئېلان قىلغان بولسا، بەزى مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنى دېڭىزىدىكى بېلىق مەنبەسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ئىبارەت ئەندىشىگە سالغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.29


خىتاينىڭ قانۇنسىز بېلىقچىلىرى ھەتتا ئارگېنتىنا سۇ تەۋەلىكىگىچە يېتىپ بارغان. مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ئارگېنتىنا دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئىككى بېلىقچى كېمىسىنى ئارگېنتىنا سۇ تەۋەلىكىدە توسۇپ قالغان ۋە ئارگېنتىنا تەۋەسىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا تاپشۇرغان.

خىتاينىڭ قانۇنسىز بېلىقچىلىرى ياپونىيە، فىلىپپىن، جەنۇبىي كورىيە ۋە ۋيېتنامنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە دائىم كىرىپ پاراكەندىچىلىك تېرىپ تۇرغان ئىدى. بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى سېرىق دېڭىزدا قانۇنسىز بېلىق تۇتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر خىتاي بېلىقچى كېمىسى ۋە 24 دېڭىزچىنى قولغا ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.