خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۇي جۈمە كۈنى كلىنتون خانىمنىڭ چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى "ئاساسسىز ئەيىبلىگەنلىكى" نى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كلىنتون خانىم تۈنۈگۈن ئىنتېرنېت توغرىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينى ئامېرىكا Google شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تور مەشغۇلاتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇ يەنە ئۇچۇرنىڭ بىمالال ئالمىشىشىنى توسۇپ، تور قوللانغۇچىلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ كېلەچەك تەرەقىياتىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ما جاۋشۇي بولسا "ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ تور باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، جۇڭگو تور ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقاندەك تەسىرات ياراتتى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بۇ تەنقىد جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز - ھەرىكەتتۇر" دىگەن.
ھېلارىي كلىنتوننىڭ خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشى، خىتاينىڭ Google شىركىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇچۇرغا چەكلىمە قويۇشنى تەلەپ قىلىشى ۋە Google نىڭ خىتايدىكى تور مەشغۇلاتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ما جاۋشۇي جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، "جۇڭگو ئىنتېرنېت ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت" دېگەن. لېكىن خىتاينىڭ تور سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتنى تاقىۋەتكىنىگە 8 ئاي بولاي دەپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.