رويتېرستا خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا شەھىرىگە جايلاشقان چېركىزوۋسكي بازىرىنى تاقاش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كىيىن، خىتاي مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭ خىتاي رۇسىيە سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ئۇچۇن بۇ ھەپتە موسكۋاغا كەلگەن.
خىتاي مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى باياناتىدا، رۇسىيە تەرەپنىڭ رۇسىيە - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر بازار مەسىلىسىگە تارىخىي نۇقتىدىن قارىشى، مەسىلىنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
29 - ئىيۇن موسكۋا شەھىرى بۇيرۇق چىقىرىپ، ئاساسلىق خىتاي ماللىرى سېتىلىدىغان چېركىزوۋسكي بازىرىنىڭ ئەتكەسچىلىك بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ تاقىۋەتكەن ۋە ئىككى مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋارنى مۇسادىرە قىلغان ئىدى.
چېركىزوۋسكي بازىرى تاقالغاندىن كېيىن، مەزكۇر بازاردا سودا قىلىدىغان 100 مىڭ ئىشچى بىكار قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ۋە ۋيېتناملىقلار ئىكەن.