خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى كۇچاردا ھەيۋە كۆرسەتمەكتە

بۈگۈن خىتاينىڭ مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى ۋە سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر تورلىرىدا، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم، پەۋقۇلئاددە ساقچى قىسىم دەپ ئاتالغان ھەرخىل ساقچى قىسىملىرى، كۇچار شەھىرىدە مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە شەرقى تۈركستانچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەشىقى ئېلىپ بارغان فوتو سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھەربىي مەشىقىنى «دۈشمەنگە ھەيۋە كۆرسىتىش» دەپ ئاتىغان.

كۇچار شەھىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان ھەم ھەربىي جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم جاي ئىدى.

خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان فوتو سۈرەتلەردە، خىتاينىڭ ھەرخىل ساقچى قىسىملىرى كۇچار شەھىرىنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا ھەرخىل ئاپتوموبىل ۋە موتوسكىلېت بىلەن يۈرۈپ ھەرخىل زامانىۋى قوراللىرىنى كۆرسىتىپ تەھدىت سېلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بار. خىتاي ساقچىلىرى كىرگەن كوچىلاردا بىرمۇ پۇقرا كۆرۈنمەيدۇ.

فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئاستىغا، ساقچى قىسىملىرىمىز كوممۇنىست پارتىيىنىڭ جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ، دېگەن ئىزاھاتلار يېزىلغان.