خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى بىر چوڭ تېررورلۇق گۇرۇھىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقى بىر چوڭ تېررورلۇق گۇرۇھىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەلۇماتى مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ بۈگۈنكى تور خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.22

مىنىستىرلىق مەزكۇر دېلونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە پەيشەنبە كۈنى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك ھارپىسىدىن بۇيان، بىر قانچە قېتىم تېررورلۇق گۇرۇھلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان؛ ئەمما ئارقىسىدىن بۇ گۇرۇھلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن.

بۇ سەۋەبتىن شۇ يىلى ئايروپىلانغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇندى دەپ ئەيىبلەنگەن 18 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغىچە ئېنىقسىز تۇرماقتا. خىتاي يەنە بۇلتۇر 12 ‏- ئايدا، كامبودژادىن قايتۇرۇپ ئەپكەتكەن 20 ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ ئوت قويۇش ۋە پارتلاتقۇچ ياساش قىلمىشى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ھازىرغىچە دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.