ياپونىيە «يۇمۇرى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، چەتئەلدىكى 10 ياپونىيە ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى، ئوغرىلانغان ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغۇچى مۇلازىمېتىرلاردىن، ئاز دېگەندە ئىككىسىنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋىرۇسنىڭ تور قوللانغۇچىلارنىڭ كىملىكى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى سىرتتىكىلەرگە يوللاش، كومپيۇتېر قوللانغۇچىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە يەنە، مەزكۇر ۋىرۇس ئۇچۇر يوللايدىغان مۇلازىمېتىرلارنىڭ تىزىملاتقان ئادرېسى، بۇنىڭدىن بۇرۇن «گۇگۇل» قاتارلىق تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئادرېس بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«يۇمۇرى شىمبۇن» گېزىتى بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ياپونىيىنىڭ فىرانسىيە، گوللاندىيە، بېرما، ئامېرىكا، كانادا، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق ئەللەردىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىدا ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئوسامۇ فۇجىمۇرا جۈمە كۈنى ۋىرۇس ھەققىدە توختىلىپ، مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلانمىغانلىقى، لېكىن ۋىرۇسنىڭ كىم تەرىپىدىن يوللانغانلىقى ۋە قانداق تىپلىق ۋىرۇس ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان.