ئىككىنچى قېتىملىق دانىيە ئەركىنلىك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا خىتاي تەنقىدكە ئۇچرىدى
2012.04.30
يىغىندا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. مەزكۇر مۇكاپات دانىيىدىكى CEPOS يەنى سىياسىي ئىشلار تەتقىقات ئورنى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ۋە بۇلتۇردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان، بۇلتۇرقىسى كۇبالىق بىر ئۆكتىچى زاتقا بېرىلگەن.
يىغىن رىياسەتچى Jacob McHangama خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىقتىسادى جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن قىلچىمۇ ئىلگىرى باسمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۈزىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تەشكىللىنىش ھوقۇقىنى بەرمەي تۇرۇپ، خەلقئارادا ئىناۋەتلىك بىر دۆلەت بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.
مەزكۇر تەشكىلات، 2005-يىلدىن باشلاپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت غايىسى، دۇنيادا ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇملاشتۇرۇش، خەلقئارادا ئەركىن سودىنى راۋاجلاندۇرۇش، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەتتۇر.
يىغىندا مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغان ياڭ جيەنلى سۆز قىلىپ: «ئەگەر ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات چاقىرىقى راست بولسا، ئالدى بىلەن ھېچ ئىككىلەنمەستىن نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش كېرەك» دېگەن.