ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان خىتاي ساقچىلىرى ئاياللارنىڭ ئۈستى - بېشىنى ئاختۇرماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان خىتاي ساقچىلارنىڭ كوچىلارغا چىققان ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ ئۈستى بېشىنى ئاختۇرۇپ ئۇلارنى قاتتىق ساراسىمگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.

ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئەر ساقچىلار ئاياللارنىڭ ئۈستى - بېشىنى ئاختۇرىدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن لەنجۇدىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ ئۈستى - بېشىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سومكىلىرىنى ئاختۇرۇپ بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ يالغۇز كوچىغا چىقالمايۋاتقانلىقىنى ئېيىتىپ، بۇنى جىنسى پاراكەندىچىلىك سېلىش، دەپ ئىپادە قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى ھازىر قورال - ياراق ۋە ئوق ‏ - دورىلىرىنىڭ چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا پارچە - پارچە ھالدا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دىگەن باھانە بىلەن قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرى، ئىش يەرلىرى، شەخسى بويۇملىرى ھەتتا ئاياللارنىڭ قول سومكىلىرىدىن تارتىپ ھەممە نەرسىنى قاتتىق تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلەرنى چەتئەللەردىكى ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر"نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى "ئۈچ خىل كۈچلەر" بىلەن بىرلىشىپ قايتا ۋەقە سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنىڭ ئاللىقاچان نورمال ھالىتىگە قايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.