خىتاينىڭ" شېنجوۋ 7 " ناملىق ئالەم كېمىسى قايتىپ كەلدى

خىتاينىڭ "شېنجوۋ 7" ناملىق ئالەم كېمىسى يەكشەنبە كۈنى كەچتە ساق - سالامەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئالەم كېمىسى ئىچكى موڭغۇل يايلىقىغا چۈشكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.09.28

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىكى نورمال بولۇپ، باشقا چاتاق كۆرۈلمىگەن.

"شېنجوۋ 7" ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق تەرىپى شۇكى، بۇ قېتىم خىتاي ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۇنجى نۆۋەت ئالەم كېمىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ، بوشلۇقتا مېڭىپ پائالىيەت قىلغان.

ھازىر، خىتاي رۇسىيە، ئامېرىكىدىن كېيىن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىپ پائالىيەت قىلغان دۆلەت بولۇپ قالغان. بىر نەپەر ئۇچقۇچى ئون نەچچە مىنۇت بوشلۇقتا ماڭغان.

خىتاي 2003 - يىلى تۇنجى قېتىم "شېنجوۋ 5" ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئۇچۇرغان بولۇپ، ياڭ لىۋېي خىتاي تارىخىدىكى تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالغان ئىدى. 2005 - يىلى خىتاي "شېنجوۋ 6" ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئۇچۇرغان بولسا، بۇ قېتىم ئۈچ ئادەم باسقان ئالەم كېمىسىنى ئۇچۇردى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.