خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىكى نورمال بولۇپ، باشقا چاتاق كۆرۈلمىگەن.
"شېنجوۋ 7" ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق تەرىپى شۇكى، بۇ قېتىم خىتاي ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۇنجى نۆۋەت ئالەم كېمىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ، بوشلۇقتا مېڭىپ پائالىيەت قىلغان.
ھازىر، خىتاي رۇسىيە، ئامېرىكىدىن كېيىن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىپ پائالىيەت قىلغان دۆلەت بولۇپ قالغان. بىر نەپەر ئۇچقۇچى ئون نەچچە مىنۇت بوشلۇقتا ماڭغان.
خىتاي 2003 - يىلى تۇنجى قېتىم "شېنجوۋ 5" ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئۇچۇرغان بولۇپ، ياڭ لىۋېي خىتاي تارىخىدىكى تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالغان ئىدى. 2005 - يىلى خىتاي "شېنجوۋ 6" ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئۇچۇرغان بولسا، بۇ قېتىم ئۈچ ئادەم باسقان ئالەم كېمىسىنى ئۇچۇردى.