خوڭكوڭلۇق ئاخباراتچىلار خوڭكوڭ ۋالىيسىنى پىكىر ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
2013.02.07
مەزكۇر گېزىت ئىلگىرى ۋالىي لياڭنىڭ خوڭكوڭدىكى قارا جەمئىيەت كىشىلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدىكى ماقالىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خوڭكوڭ ئىقتىساد ژۇرنىلى گېزىتى بۈگۈن بۇنىڭغا جاۋابەن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ئىكەنلىكىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خوڭكوڭ ئاخباراتچىلار بىرلەشمىسىمۇ بۈگۈن ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، لياڭ جىڭيىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىدى، دەپ كۆرسەتكەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن لياڭ جىڭيىڭ تېخى يېرىم يىل ئاۋۋال خوڭكوڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى. ئەمما خوڭكوڭ خەلقى ئۇنىڭ خىزمەت ئىستىلىدىن ئىزچىل ھالدا نارازى بولۇپ كەلمەكتە. تېخى يېقىندىلا خوڭكوڭدا نەچچە ئون مىڭ كىشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئۇنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.