خوڭكوڭنىڭ سايلام نەتىجىسى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە سېغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈردى
2012.09.10
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئەسلىدە خوڭكوڭ پارلامېنتنىڭ ئومۇمى ئەزا سانى 60 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ 30 نەپىرى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق بېكىتىلسە، قالغان 30 نەپىرى خوڭكوڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەر يەنى مەنپەئەتدار گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن سايلىناتتى.
سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە خوڭكوڭنىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمىدا، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 40 قا يۈكسەلدۈرگەن. سايلامدا بۇ 40 ئەزانىڭ 21 ئىنى دېموكراتلار، 19 ئىنى بېيجىڭ تەرەپدارلىرى ئىگىلىگەن. مەنپەئەتدار گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن سايلىنىدىغان 30 ئەزانىڭ 6 سىنى دېموكراتلار، 24 ئىنى بېيجىڭ تەرەپدارلىرى ئىگىلىگەن.
خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىگە جاۋابەن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ 2017-يىلى ئۆز رايون باشلىقىنى، 2020-يىلى بولسا بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق سايلاشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، پارلامېنتتا دېموكراتلارنىڭ 1/3 قىسىمدىن يۇقىرى نىسبەتتە بولۇشى، ئۇلارغا رەت قىلىش ھوقۇقىغا يەتكۈدەك كۈچ ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇ خوڭكوڭنىڭ تولۇق دېموكراتىيىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى سايلامغا سايلام ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ 53%i قاتناشقان بولۇپ، بۇ سان، 2008-يىلىدىكى سايلامغا نىسبەتەن 8% ئارتۇق. سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىدىكى بۇ يۈكسىلىشمۇ كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تولۇق دېموكراتىيىگە بولغان سېغىنىشىنىڭ ئەكس ئېتىشى دەپ قارالماقتا.