ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ چىگىلىك كەنت بازىرىدىكى 3 دۇكىنى، يېڭى سېلىنغان ساقچى پونكىتىغا تام قوشنا بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇكان ئىگىلىرىدىن دۇكاننى بوشىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
دائىرىلەر ئومۇمى كۆلىمى 118 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان 3 دۇكانغا 7 مىڭ سومدىن 13 مىڭ سومغىچە تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، دۇكان ئىگىلىرى تۆلەم پۇلىدىن رازى بولماي، دۇكاننى بىكارلاپ بېرىشنى رەت قىلغان.
ۋەقەدىن خەۋەردار ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر 26-ئاپرېل چىگىلىك كەنت بازىرىدىكى بۇ 3 ئۇيغۇر دۇكىنىنى مەجبۇرىي چېقىپ تاشلىغان. دۇكان ئىگىلىرى بولسا خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچى پونكىتى ئۇيغۇر دۇكانلىرى بىلەن تام قوشنا بولۇپ قالغانلىقىدىن بىئارام بولغان يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر دۇكانلىرىنى چېقىپ تاشلىغان بولۇشى مۇمكىن.
بىز يەرلىك ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى يازدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن.