ياپونىيە، خىتاينىڭ 4 ياپونىيىلىككە ئۆلۈم جازاسى بەرمەكچى بولغانلىقىدىن 'ئۈمىدسىزلەنگەن'لىنى بىلدۈردى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتسۇيا ئوكادا جۈمە كۈنى خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇانى چاقىرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 3 ياپونىيەلىككە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسى بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىدىن 'ئۈمىدسىزلەنگەن'لىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 65 ياشلاردىكى مىتسۇنوبۇ ئاكانوغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، دۈشەنبە كۈنى ئىجرا قىلىنماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياپونىيىلىكلەردىن يەنە 3 كىشىنىڭ بارلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ 2007‏ - يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەگەر ئاكانونىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنسا، ئۇ ياپونىيە-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 1972 ‏- يىلدىن بېرى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىجرا قىلىنغان تۇنجى ياپونىيىلىك بولۇپ قالىدۇ.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوكادا خىتاي باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇاغا ئۆلۈم جازاسىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ ئۆزلىرىدە "ئۈمىدسىزلىك" ياراتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئوكادا 2006‏ - يىلى سېنتەبىردە داليەن ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنىپ، 2008‏ - يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ. يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ھەر يىلى قانچىلىك كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.